بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورىستلارنىڭ سانى 342 گە چىقتى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە دۆلىتىمىزگە ۋە رايونغا تىنچلىق ھەمدە خاتىرجەملىك ئەكىلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتىدە بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورىستلارنىڭ سانى 342 گە چىقتى.

1286443
بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورىستلارنىڭ سانى 342 گە چىقتى
hulusi akar baris pinari1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتىنىڭ ئۈچىنچى كۈنىدە، مىنىستىرلىقتا ھەر دەرىجىلىك قوماندانلار بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەتنى كۆزدىن كەچۈردى. ھۇلۇسى ئاكار تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتىنىڭ پىلان بويىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ھازىرغىچە 342 تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى. باشلىغان ھەرىكىتىمىزنى ئىنشائاللاھ يۈزىمىز يورۇق ئاخىرلاشتۇرىمىز. ھەرىكەت رايونىدا تۇتۇلۇپ تۇرۇۋاتقان دائېشچىلارنى قويۇپ بېرىلىدىغان ئىش يوق» دېدى.

ئۇ ھەرىكەت رايونىدا ھەر تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «نىشانىمىز فىراتنىڭ شەرقىدە دائېش، پ ك ك|پ ي د-ي پ گ نى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېررورىستلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىش ۋە بۇ يەردە تىنچلىق كارىدورى بەرپا قىلىپ، دۆلىتىمىزدىكى سۈرىيەلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆز زېمىنىغا، يۇرتلىرىغا قايتىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى روبىرو ئۇرۇش قىلغان بىردىنبىر ناتو دۆلىتى ئىكەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ: «قەھرىمان تۈركىيە ئارمىيەسى فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى بىلەن 3 مىڭدىن ئارتۇق دائېشچى تېررورىستلارنى بىر تەرەپ قىلدى. بىز پەقەت دۆلىتىمىزنىڭ ۋە خەلقىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنىلا ئەمەس، بەلكى رايوندا ياشاۋاتقان كۈرتلەر (كورد)، ئەرەبلەر، ئاسۇرىلار، خىرىستىيانلار ۋە يەزىدىلەر، كەلدانىلار قاتارلىق باشقا ئوخشىمىغان دىنىي ۋە ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگىمۇ كۆپ ئەھمىيەت بېرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر