ئاقار: تۈركىيە ئارمىيەسى خەلقنىڭ سېپىدە تۇرۇپ تېررورچىلارنىڭ قارشى كۈرەش قىلىدۇ

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەدىمۇ خەلقنىڭ سېپىدە تۇرۇپ تېررورچىلارغا قارشى كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1285337
ئاقار: تۈركىيە ئارمىيەسى خەلقنىڭ سېپىدە تۇرۇپ تېررورچىلارنىڭ قارشى كۈرەش قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خۇلۇسى ئاقار، تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە ئېلىپ بېرىلىشقا باشلانغان بارىش پىنارى (تىنچلىق بۇلىقى) ھەربىي ھەرىكىتىگە دائىر جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلغان «بارىش پىنارى ھەربىي ھەرىكىتى كوردىناتسىيە يىغىنى» دىن كېيىن بايانات بەردى.

ھازىرغىچە بولۇپ كەلگىنىدەك، بارىش پىنارى ھەربىي ھەرىكىتىمۇ بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ، تارىخىي يادىكارلىقلارنىڭ، مەدەنىي ۋە دىنىي قۇرۇلۇشلارنىڭ چېقىلالماسلىق ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئاقار، «پەقەت دۆلىتىمىز ۋە مىللىتىمىزنىڭلا ئەمەس، رايونىمىزدا ياشاۋاتقان باشقا دىنىي ۋە ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭمۇ بىخەتەرلىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىمىز» دېدى.

تۈركىيە – سۈرىيە چېگراسى بەرپا قىلىش پىلانلىنۋاتقان بىخەتەر رايوننىڭ مۇساپىرلارنىڭ ئۆيلىرىگە قايتىشى ئۈچۈن ئەڭ مەنتىقىلىق ۋە ئىنسانىي تاللاش بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئاقار، «(سۈرىيە بىلەن بولغان) 911 كىلومېتىرلىق چېگرامىزدا بىر تېررور كارىدورىنىڭ پەيدا بولۇشىنى قەتئىي قوبۇل قىلمايمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر