ئالتۇن گراھامنىڭ باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈردى
جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور فاھرەتتىن ئالتۇن، ئامېرىكىلىق جۇمھۇرىيەتچى پالاتا ئەزاسى لىندسېي گراھامنىڭ بارىش پىنارى (تىنچلىق بۇلىقى) ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدىكى باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فاھرەتتىن ئالتۇن تىۋىتتېر ئادرېسىدا ئىنگلىزچە ئۇچۇر تارقىتىپ، پالاتا ئەزاسى گراھامنىڭ تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق ئېلان قىلغان «تۈرك ھۆكۈمىتىگە سۈرىيەنىڭ شىمالىغا كىرىش ئۈچۈن يېشىل چىراغ يېقىلمىغانلىقى» توغرىسىدىكى باياناتىغا رەددىيەت قايتۇرۇپ، «پالاتا ئەزاسى، سىزنى بۇ يەردىن ۋاقىپلاندۇرۇش ئۈچۈن يېزىۋاتىمەن. تۈركىيە ۋە سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى بۈگۈن (تۈنۈگۈن) بارىش پىنارى ھەربىي ھەرىكىتىنى باشلىدى. قىزىل چىراغدىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىمىزنى ئاڭلىدىم. ئۇ بىر جىددىي ئەھۋال ئىدى. چۈنكى، پۇقرالىرىمىزغا تەھدىت سېلىۋاتقان پ ك ك ۋە دائېش تېررورچىلىرىنى جەھەننەمگە يوللاش ئۈچۈن ئالدىرايتتۇق» دېدى.
گراھام ئۇچۇرىدا، «تۈرك ھۆكۈمىتىگە سۈرىيەنىڭ شىمالىغا كىرىش ئۈچۈن يېشىل چىراغ ياندۇرۇلمىدى. دۆلەت مەجلىسىدە قىزىل سىزىقنى كۆرگەندە ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتمەسلىكىڭىز كېرەك بولغان ناھايىتى زور ئىككى پارتىيەلىك ئۆكتىچىلەر بار» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەرگەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى 5 تېررورچى يوقىتىلدى.