تۈركىيە ئارمىيەسى فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە...

تۈركىيە ئارمىيەسى، دۆلەت ئىچى ۋە رايوندا تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا.

تۈركىيە ئارمىيەسى فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەدىكى  پ ك ك / پ ي د ۋە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا زەربە بېرىشنى نىشان قىلغان بارىش پىنارى (تىنچلىق بۇلىقى) ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ قۇرۇقلۇق باسقۇچىمۇ باشلاندى.

تۈركىيە ئەسكەرلىرى 3 پەرقلىق جايدىن چېگرادىن ھالقىپ ئۆتۈپ، رايوننى كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان تېررورچىلارغا قۇرۇقلۇقتىنمۇ زەربە بېرىشكە باشلىدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، «قەھرىمان تۈرك ئارمىيەمىز ۋە سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى بارىش پىنارى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە قۇرۇقلۇقتىن ھەرىكەتكە ئۆتتى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن تۈركىيە ۋاقتى سائەت 16:00 دە تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەدە ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى جاكارلاپ، «تۈركىيە ئارمىيەسى، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا پ ك ك / ي پ گ ۋە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى بارىش پىنارى ھەربىي ھەرىكىتىنى باشلىدى» دېگەنىدى.

ئارقىدىن تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سۈرىيە تەۋەلىكىگە 30 كىلومېتىر ئىچكىرىلەپ كىرىپ تېررورچىلارنىڭ نىشانلىرىنى بىتچىت قىلىپ تاشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر