تۈركىيە دۆلەت ئىچى - سىرتىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ ۋە گارا رايونلىرىدا ۋە ۋاننىڭ گۈرپىنار ناھىيەسى تاغلىق رايونىدا تېررورچىلارغا زەربە بەردى.

تۈركىيە دۆلەت ئىچى - سىرتىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ ۋە گارا رايونلىرىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ 3 ئەزاسىنى بىر تەرەپ قىلدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ پەنچە ھەربىي ھەرىكىتى بىلەن ماس قەدەمدە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ ۋە گارا رايونلىرىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ 3 تېررورچىسىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، ئىچكى بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە، ۋاننىڭ گۈرپىنار ناھىيەسى تاغلىق رايونىدا ۋىلايەتلىك ژاندارما قوماندانلىقى بىلەن ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، 2 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر