تۈركىيە چەت ئەللەرگە «تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى» ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى» ھەققىدە چەت ئەللىك ئەلچىلەرگە مەلۇمات بەرمەكتە.

1285771
تۈركىيە چەت ئەللەرگە «تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى» ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي چېگراسىدا قۇرۇلماقچى بولغان تېررورلۇق كارىدورىنى يوقۇتۇش، رايوندا تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنى بەرپا قىلىش مەقسىتىدە باشلانغان «تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى» ھەققىدە تۈركىيەدىكى چەت ئەل ئەلچىخانىلىرىغا مەلۇمات بېرىش داۋاملاشماقتا.

بۇ دائىرىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيە ئەترىتى باشلىقى باش ئەلچى چىرىستىيان بېرگېر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىتىلىپ، داۋاملىشىۋاتقان ھەرىكەت ۋە ھەرىكەتنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭمۇ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى تۈنۈگۈن مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىتىلغان ئىدى.

مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەدات ئونال ئامېرىكا باش ئەلچىسى داۋىد مىچەل ساتتېرفېلد، فىرانسىيە باش ئەلچىسى چارلېس فرېس، ئەنگلىيە باش ئەلچىسى جومىنىك چىلكوت، رۇسىيە باش ئەلچىسى ئابېكسېي يېرخوۋ ۋە خىتاي ئەلچىسىخانىسى باش مەسلىھەتچىسى چېن ۋېخۇاغا مەلۇمات بېرىلگەن ئىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىغا ئەزا دۆلەتلەردىن باشقا يەنە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىتىلىپ مەلۇمات بېرىلگەن دۆلەت ۋەكىللىرى ئارىسىدا ئىران باش ئەلچىسى مۇھەممەد فاراسمازنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر