مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ مايك پومپېيو بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ مايك پومپېيو بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو تېلېفوندا سۆھبەتلەشكەن.

سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ مايك پومپېيو بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ۋە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىف بىلەنمۇ تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، تۈركىيەنىڭ جەنۇبى چېگراسىدىكى تېررورلۇق نىشانلىرىغا قارىتا باشلىغان «تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى» ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر