چاۋۇشئوغلۇنىڭ تېلېفون دىپلوماتىيەسى داۋام قىلماقتا

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېئىكو مائاس بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

چاۋۇشئوغلۇنىڭ تېلېفون دىپلوماتىيەسى داۋام قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەر دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مائاسنىڭ تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى. بىراق مەزكۇر مەنبەلەر، ئىككى مىنىستىرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىدى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ بۇنىڭدىن ئىلگىرى رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ۋە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي چېگراسىنى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان بارىش پىنارى (تىنچلىق بۇلىقى) ھەربىي ھەرىكىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر