ئەردوغان مەملىكەتكە قايتىپ كەلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2 – نۆۋەتلىك تۈركىيە – سېربىيە يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىنى ئاخىرىلاشتۇرۇپ سېربىيەدىن مەملىكەتكە قايتىپ كەلدى.

ئەردوغان مەملىكەتكە قايتىپ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت ئولتۇرغان «TC-TUR» ناملىق مەخسۇس ئايروپىلان، تۈركىيە ۋاقتى سائەت 21:50 ئۆتكەندە ئەنقەرە ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىغا قوندى.

ئەردوغاننى ئايرودۇرۇمدا مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سۆيلۇ، ئەنقەرە ۋالىيسى ۋاسىپ شاھىن ۋە ئەنقەرە ساقچى ئىدارسى مۇدىرى سەرۋەت يىلماز قارشى ئالدى. 

ئەردوغان ۋە رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان بىلەن بىرگە خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى بەرات ئالبايراق، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرى بەكىر پاكدەمىرلى، قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى جاھىت تۇرخان، ئۇچۇر ئالاقىدە ئىشلىرى باشلىقى شۇنداقلا جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى ئىبراھىم كالىنمۇ ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر