تۈركىيە ئايروپىلانلىرى فىراتنىڭ شەرقىدىكى ي پ گ|پ ك ك نىڭ نۇقتىلىرىنى بىتچىت قىلدى

تۈركىيەنىڭ ھەربىي ئايروپىلانلىرى «تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى» دائىرىسىدە، فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ|پ ك ك نىڭ نۇقتىلىرىنى بىتچىت قىلدى.

1285059
تۈركىيە ئايروپىلانلىرى فىراتنىڭ شەرقىدىكى ي پ گ|پ ك ك نىڭ نۇقتىلىرىنى بىتچىت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھەربىي ئايروپىلانلىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ|پ ك ك نىڭ ئىشغالى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان مەزكۇر رايوندا، تەخمىنەن 30 كىلومېتىر كەڭلىككىچە ئۇچۇپ باردى ۋە رايونغا جايلاشقان يېزىلاردىكى تېررورلۇق نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلدى.

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ توپچى قىسىملىرى شانلىئۇرفانىڭ ئاكچاكالە ناھىيەسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى سۈرىيە زېمىنىغا جايلاشقان تېل ئابيادتىكى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ نۇقتىلىرىنى توپ ئوقى بىلەن بومباردىمان قىلماقتا.

بۇ جەرياندا، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باشچىلىقىدا «تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى كوردىناتسىيە يىغىنى» ئېچىلدى.

يىغىندا، تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتىنىڭ بارلىق تەرەپلىرى تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر