مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: دائېشقا قارشى تۈركىيەدەك كۈرەش قىلغان دۆلەت يوق

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ دائېشقا قارشى تىركىشىپ كۈرەش قىلغان بىردىنبىر ئىتتىپاقداش ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو دۆلىتى ئارمىيەسى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: دائېشقا قارشى تۈركىيەدەك كۈرەش قىلغان دۆلەت يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى؛ تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ (سۈرىيەدە) فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەمەلىي مەيداندا دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن روبىرو تۇرۇپ كۈرەش قىلغان بىردىنبىر ئىتتىپاقداش ۋە ناتو دۆلىتى ئارمىيەسى بولغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، «دائېشنىڭ قانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان تۈركىيە، ھەم دۆلەت ئىچىدە ھەم چېگرالىرىنىڭ سىرتىدا بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى قەتئىيلىك بىلەن كۈرەش قىلدى، فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدىمۇ كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا يەنە، تۈركىيە ئارمىيەسى فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق دائېش مۇقەددەس ھېسابلايدىغان دابىق رايونىنى قولغا كىرگۈزۈپ، تەشكىلاتقا ئەڭ ئېغىر ھەربىي ۋە ئىدېئولوگىيەلىك زەربە بەرگەنلىكى خاتىرىلىتىپ ئۆتۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر