چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ تېررورىستلارنى تازىلاش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورىستلارنى تازىلاش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1282989
چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ تېررورىستلارنى تازىلاش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۋىتتېردا سۈرىيەنىڭ شىمالىغا مۇناسىۋەتلىك بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «رايوننى تېررورىستلاردىن تازىلاپ، دۆلىتىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە بىخەتەرلىكىنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىش ئىرادىمىز قەتئىي. سۈرىيەدىكى كىرىزىس باشلانغاندىن تارتىپ، بۇ دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللىدۇق، بۇندىن كېيىنمۇ قوللىشىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. سۈرىيەدە خاتىرجەملىك ۋە مۇقىملىقنىڭ ئورنىتىلىشىغا ھەسسە قوشىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر