ئەردوغان سېربىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيە – سېربىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك يىغىنىغا ئشىتىراك قىلىش ئۈچۈن ئەتە (2019- يىلى 7 – ئۆكتەبىر) سېربىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.

1282650
ئەردوغان سېربىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەردوغان بىلەن سېربىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندېر ۋۇجىجنىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلىدىغان تۈركىيە – سېربىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك يىغىنىغا مۇناسىۋەتلىك مىنىستىر ۋە ئەمەلدارلارمۇ ئىشتىراك قىلىدۇ.

ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ھەرجەھەتتىن تولۇق كۆزدىن كەچۈرۈلىدىغان ئۇچرىشىشلاردا، ھەمكارلىقنىڭ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇشى يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ، رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ.

تۈركىيە – سېربىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ 140 يىللىقى تەبرىكلىنىۋاتقان مۇشۇنداق مۇھىم مەزگىلدىكى يەنى 7-، 8 – ئۆكتەبىردىكى زىيارەت دائىرىسىدە تۈركىيە – سېربىيە سودا مۇنبىرى يىغىنىمۇ ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر