«ياۋۇز» ناملىق نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش پاراخوتى گۈزەليۇرتقا يېتىپ باردى

ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز «ياۋۇز» ناملىق نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش پاراخوتىنىڭ ئاقدېڭىزدىكى پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن گۈزەليۇرت بىرىنچى رايونىغا يېتىپ بارغانلىقىنى ئېيتتى.

1282312
«ياۋۇز» ناملىق نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش پاراخوتى گۈزەليۇرتقا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆنمەز ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «<ياۋۇز> ناملىق نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش پاراخوتىمىز ئاقدېڭىزدىكى پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن گۈزەليۇرت بىرىنچى رايونىغا يېتىپ باردى. ئورۇن بېكىتىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان پاراخوتىمىز تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈشكە باشلايدۇ.»

ئىگىلىنىشىچە، يازما يول باشلاش ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسىغا ئاساسەن، «ياۋۇز» ناملىق نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش پاراخوتىنىڭ ئاقدېڭىزدا 2020 – يىلى يانۋارغىچە پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر