ئەردوغان: نىشانىمىز «فىرات دەرياسى» نىڭ شەرقىي قىسمىنى تىنچلىق بوستانلىقىغا ئايلاندۇرۇش

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «فىرات دەرياسى» نىڭ شەرقىي قىسمىغا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش پىلانىنىڭ تاماملانغانلىقىنى ئېيتتى.

1282308
ئەردوغان: نىشانىمىز «فىرات دەرياسى» نىڭ شەرقىي قىسمىنى تىنچلىق بوستانلىقىغا ئايلاندۇرۇش

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان پارتىيەسىنىڭ ئەنقەرە ۋىلايىتىنىڭ قىزىلجاھامام ناھىيەسىدە چاقىرىلغان 29 – نۆۋەتلىك مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ «فىرات دەرياسى» نىڭ شەرقىي قىسمىغا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش پىلانى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ھەقتىكى تەييارلىق خىزمىتىمىز تاماملاندى، بۇ ھەقتە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوليورۇق چۈشۈرۈلدى؛ ھەم قۇرۇقلۇقتىن ھەم ھاۋادىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ھەربىي ھەرىكەت پىلانى ئەتە – ئۆگۈن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىشى مۇمكىن.  ھەربىي ھەرىكەتتىن نىشانىمىز،  <فىرات دەرياسى> نىڭ شەرقىي قىسمىنى تىنچلىق بوستانلىقىغا ئايلاندۇرۇشتۇر. <فىرات دەرياسى> نىڭ شەرقىي قىسمى مەسىلىسىدە دۆلىتىمىز بارلىق تەرەپلەرگە ھەر جەھەتتىن ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. بۇ ھەقتە يېتەرلىك دەرىجىدە سەۋر - تاقەت قىلدۇق. جۈملىدىن <قۇرۇقلۇقتىن چارلاش ئېلىپ بېرىش>، <ھاۋادىن چارلاش ئېلىپ بېرىش> دېگەندەك ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قۇرۇق ھېكايە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز. ئىتتىپاقداشلىرىمىزغا قارىتا بىزنىڭ سوئالىمىز ئىنتايىن روشەن؛ <سىلەر (س د گ) نامى ئاستىدا يوشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان پ ك ك/ي پ گ نى زادى تېررورلۇق تەشكىلاتى  دەپ ئېتىراپ قىلامسىلەر يوق؟ بۇ ھەقتە بىزگە ئوچۇق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشۈڭلار كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر