تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئارمىيەسى پەنچە ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى خاكۇرك ۋە گارا رايونلىرىدا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى.

1281100
تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى پەنچە ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى خاكۇرك ۋە گارا رايونلىرىدا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ 8 ئەزاسىنى بىر تەرەپ قىلدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا قارىغاندا، خاكۇرك رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.

تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشى ئارقىسىدا ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان  ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە بولسا، پ ك ك ئەزاسى 5 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى. شۇنداق قىلىپ تۈنۈگۈن بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلارنى قوشقاندا جەمئىي 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان بولدى.

پەنچە ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە بىر تەرەپ قىلىنغان جەمئىي تېررورچى سانى 134 كە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر