تۈركىيە فەيسبۇكقا 1 مىليون 600 مىڭ لىرا جەرىمانە قويدى

كىشىلەرنىڭ خۇسۇسىي مەلۇماتلىرىنى قوغداش ئورگىنى، فەيسبۇكنىڭ مەلۇماتلارنى قوغداشقا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن 1 مىليون 600 مىڭ لىرا جەرىمانە جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1280936
تۈركىيە فەيسبۇكقا 1 مىليون 600 مىڭ لىرا جەرىمانە قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىشىلەرنىڭ خۇسۇسىي مەلۇماتلىرىنى قوغداش ئورگىنى فەيسبۇك ئىشلەتكۈچىلىرىگە تەۋە ئىسىم، جىنسى، تۇغۇلغان كۈنى، توي قىلغان ياكى قىلمىغانلىقى، ئوقۇش تارىخى، دىنىي مەلۇماتى، يۇرتى، تۇرۇشلۇق ئورۇن خەرىتىسى، فەيسبۇكتا يېقىنقى مەگىللەردە ئېلىپ بارغان ئىزدەش پائالىيەتلىرى، فەيسبۇك ئىشلەتكۈچىلىرى تەقىب قىلغان 500 گە يېقىن ئالدىنقى قاتاردىكى ھېسابلار قاتارلىق خۇسۇسىي مەلۇماتلىرىنىڭ قوغدالمىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتى. 

فەيسبۇكنى تۈرك تىلىدا ئىشلىتىغان 280 مىڭ 959 ئىشلەتكۈچىنىڭ مەزكۇر مەلۇماتلارنى قوغداشقا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنىڭ بىۋاستە تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئورگان، بۇ خىل مەلۇماتلارنى قوغداشقا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنىڭ سادىر بولماسلىقى ئۈچۈن قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىدارىي ۋە تېخنىكىلىق تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلمىغانلىقى سەۋەبىدىن فېسبۇكقا 1 مىليون 150 مىڭ لىرا ئىدارىي جەرىمانە جازىسى بەردى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، قانۇندا بەلگىلەنگەن «كىشىلەرنىڭ توپلانغان خۇسۇسى مەلۇماتلىرى قۇنۇنسىز يوللار بىلەن باشقىلار تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلگەن تەقدىردە، مەلۇماتقا مەسئۇللار ئەڭ قىسقا ۋاقىىت ئىچىگە مەلۇمات ئىگىسىگە خەۋەر يەتكۈزىشى لازىم» دېگەن ھۆكۈم جەھەتتىنمۇ فەيسبۇكنىڭ كىشىلەرنى ۋاقتىدا ئەھۋالدىن خەۋەردار قىلمىغانلىقى سەۋەبىدىن 450 مىڭ لىرا جەرامانە جازاسى بېرىلىشى قارار قىلىندى.

شۇنداق قىلىپ، كىشىلەرنىڭ خۇسۇسىي مەلۇماتلىرىنى قوغداشقا رىئايە قىلمىغانلىقى سەۋەبىدىن فەيسبۇكقا جەمئىي 1 مىليون 600 مىڭ لىرا جەرىمانە جازاسى بېرىلگەن بولدى. 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر