ئىراقنىڭ شىمالىغا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلدى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىغا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك لىق 7 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1280520
ئىراقنىڭ شىمالىغا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن «<پەنچە> ھەربىي ھەرىكىتى» دائىرىسىدە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئاۋاشىن رايونىغا ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «قىسىملىرىمىزنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك  غا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەدە داۋاملاشماقتا. (<پەنچە> ھەربىي ھەرىكىتى) بىلەن ماس قەدەمدە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئاۋاشىن رايونىغا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك لىق 7 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.»

تۈنۈگۈنمۇ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھافتانىن رايونىغا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك لىق ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغانىدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ھاققارىدا ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابىغا قاراشلىق ئالاھىدە قىسىم ئەترەتلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە 3 تېررورچى، شىرناقنىڭ جۇدى تېغى ئېتىكىگە جايلاشقان يېزا – قىشلاقلىرىدا بولسا ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر