ئەردوغان جەمال قاشىقجى جىنايىتى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى جىنايىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1278810
ئەردوغان جەمال قاشىقجى جىنايىتى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئامېرىكانىڭ «The Washington Post» گېزىتىگە يازغان ماقالىسىدا، دەل مۇشۇ گېزىتتە ئوبزورچىلىق قىلىدىغان جەمال قاشىقجىنىڭ 2018يىلى 2ئۆكتەبىردە ئىسانبۇلدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلخانىسىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئۈستىدە توختىلىپ، «قاشىقجىنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى، 11سىنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، 21 ئەسىرنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ تالاش تارتىشلىق ۋەقەسى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى 11سىنتەبىردىن كېيىن ھېچقانداق ۋەقە خەلقئارانىڭ تەرتىپىگە بۇنچە چوڭ تەھدىت بولۇپ ماقمىغان ۋە خەلقئارادا قوبۇل قىلىنغان قائىدە پىرىنسىپلارغا بۇنىڭدەك جەڭ ئېلان قىلىنىپ باقمىغان ئىدى» دېدى.

ئەردوغان يەنە مۇنداق دېدى:

«ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەن تۇرۇغلۇقمۇ جىنايەتكە ئالاقىدار بىلىدىغانلىرىمىزنىڭ تېخىچە چەكلىك بولۇشى بولسا، خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ قاتتىق ئويلىنىپ بېقىشى كېرەكلىك بولغان ئاچچىق بىر ھەقىقەتتۇر. سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىستنىڭ ئۆلۈمىنىڭ بارلىق جەھەتلەردىن ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىلىپ ياكى بېرلمەسلىكى، كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ قانداقراق دۇنيادا ياشايدىغانلىقىنى بەلگىلەيدىغان ئامىلدۇر» 

تۈركىيەنىڭ دەسلەپكى كۈندىن تارتىپلا بۇ مەسىلىگە ئوچۇق ئاشكارا سىياسەت تۇتۇشنى تاللاپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، «كەينىمىزدە قالدۇرغان بىر يىللىق مەزگىلدە، ئىستىخبارات ۋە ساقچى تەشكىلاتلىرىمىز بىلەن دىپلوماتىيە خادىملىرىمىز ۋە مۇپەتتىشلىرىمىز مەسلىنىڭ تەقىپ قىلغۇچىسى بولۇش سالاھىتىدە قارشى تەرەپ بىلەن ھەمكارلاشتى. خەلقىمىزگە ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىككە ئېنىق مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن كېرەكلىك قەدەملەرنى تاشلىدى» دېدى.

قاشىقجىنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرگەن گۇرۇھ بىلەن پادىشاھ سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ۋە سەئۇدى ئەربىستان خەلقىگە ئوچۇق ئاشكارا ئايرىم پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلگەنلىكىنىمۇ تەكىتلەپ، «يەنە بىر تەرەپتىن كونا دوستلىقىمىز ھەقىقەتلەرنى تىلغا ئېلىشىمىزغا توسالغۇ بولالمايدۇ. دەل ئەكسىچە دوستنىڭ سۆزى ئاچچىق بولىدۇ» دېدى.

ئەردوغان ئادالەتنىڭ دۆلەتلىك ۋە خەلقئارالىق سوت مەھكىمىلىرىدە نامايان بولۇشىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ ئوچۇق يورۇقلۇقتىن ئۇزاق ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى، سوئال سوراق ئىشلىرىنىڭ مەخپىي بولۇۋاتقانلىقى ۋە گۇماندارلارنىڭ غەيرىي رەسمىي بىر شەكىلدە قويۇپ بېرىلگەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەر، خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ ئارزۇسىنى سۇغا چېلاشتۇرغانغا ئوخشاش سەئۇدى ئەرەبىساتننىڭ ئىناۋىتىگىمۇ ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دوست ۋە ئىتتىپاقدىشى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇنداق بولۇشىنى ھەرگىز خالىمايمىز» دېدى.

ئەردوغان ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردىمۇ تۈركىيەنىڭ جەمال قاشىقجى جىايىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن كېرەكلىك خىزمەتلەرنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر