تۈركىيە ھىندىستانغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە، ھىندىستاننىڭ بىر قاتار جايلىرىدا مەيدانغا كەلگەن سۇ ئاپىتىدە 110 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيە تېلېگراممىسى تارقاتتى.

1278489
تۈركىيە ھىندىستانغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ھىندىستاندا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتىدە جېنىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى؛ باياناتتا، «ھىندىستاننىڭ ئۇتتار پرادېش ئۆلكىسى باشتا بولۇپ، بىر جاتار رايونلاردا مەيدانغا كەلگەن سۇ ئاپىتىدە 110 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىدىن قايغۇرۇش ئىچىدە ۋاقىپ بولدۇق. ھىندىستان خەلقى ۋە ھۆكۈمىتى بىلەن ئاپەتتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن – يۇرۇقلىرىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر