«ئىسلام دىنىنى تېررورىزم بىلەن بىر ئورۇنغا قويغىلى بولمايدۇ»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسلام دىنىنى تېررورىزم بىلەن بىر ئورۇنغا قويۇش قىلمىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1276956
«ئىسلام دىنىنى تېررورىزم بىلەن بىر ئورۇنغا قويغىلى بولمايدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە تۈركىيە بىلەن پاكىستاننىڭ ساھىبخانىلىقىدا چاقىرىلغان، «ئىسلام دىنى نىشان قىلىنىۋاتقان نەپرەتلىك سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارشى  كۈرەش» تېمىلىق يىغىندا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «تىنچلىق دىنى بولغان ئىسلامنى تېررورىزم بىلەن بىر ئورۇنغا قويۇش ئىسلام دىنىغا قىلىنغان ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدىكى بوھتاندۇر، ئەخلاقسىزلىقتۇر. بۇنى قوبۇل قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. تۈركىيە بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان ئىسلام دۈشمەنلىكى، ئىرقچىلىق، ئىسلام دىنى نىشان قىلىنىۋاتقان نەپرەتلىك سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارشى  پائال كۈرەش قىلىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلاغا باشلامچىلىق قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر