ئەمىنە ئەردوغان نىيۇ يوركتا ئامېرىكىلىق مۇسۇلمان ئاياللار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 74 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى دائىرىسىدە، نىيۇ يوركتا ئامېرىكالىق مۇسۇلمان ئاياللار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

1274453
ئەمىنە ئەردوغان نىيۇ يوركتا ئامېرىكىلىق مۇسۇلمان ئاياللار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە دېگۈدەك مۇسۇلمانلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇشتىن ئىنتايىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئىرقىي ئايرىمچىلىققا ئوخشاش ئىنسانلارنى نەپرەتكە ئىتتىرىدىغان كېسەل پىكىرلەرنىڭ ئىسلامنىڭ خاتىرىجەملىككە تولغان روھىدا ئېرىپ يوقالغانلىقىنى تەكىتلەپ، دۇنيادا تېز ئەۋج ئېلىۋاتقان ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش ئېقىمى سەۋەبىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ چەتكە قېقىلىشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمىنە ئەردوغان: «مۇسۇلمانلار تېررورلۇق، ئاياللارغا زۇلۇم قىلىش ۋە ئۇرۇش بىلەن تىلغا ئېلىنماقتا. بىز ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلالمايدىغان بەزى ھەرىكەتلەر <ئىسلام دىنى> دەپ تۇنۇشتۇرۇلۇپ، مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىشلىتىلمەكتە» دېدى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ تېخىمۇ بەكىرەك ئىتتىپاقلىق ئىچىدە بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەمىنە ئەردوغان 11سېنتەبىردىن بۇيان ئامېرىكادا يۇقىرى ئۆرلىگەن ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش ئېقىمىغا ۋە ئىرقىي ئايرىمچىلىققا قارشى ھەممەيلەننىڭ بىرلىكتە كۈرەش قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، «ئولىمپىيات تەنتەربىيەچىسى ئىبتىھاج مۇھەممەد ھەممىمىزنىڭ ئىپتىخارى، مالكولم ئىكس ھەممىمىزگە جاسارەت بەرمەكتە. مۇھەممەد ئەلى ھەممىمىزنىڭ قەھرىمانى ئىدى. ئەمدىلىكتە نەۋرىلىمىز ئۈچۈنمۇ ئىلھام مەنبەسى بولماقتا. يەنى ھەممىمىزنىڭ ھاياتى ۋە كۈرەشلىرى بىر كېپىنەكنىڭ قانات قېقىشىغا ئوخشاش بىر- بىرىگە باغلانغان. شۇڭا مۇناسىۋەتلىرىمىزنى كۈچەيتىشىمىز لازىم» دېدى.

ئەمىنە ئەردوغان ئاخىرىدا يىغىن قاتناشقۇچىلارنى تۈركىيەگە تەكلىپ قىلدى ۋە بولۇپمۇ ياشلارنى تۈركىيەدە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇشقا چاقىرىق قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر