تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى دۆلەت ئىچى - سىرتىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
شىرناقنىڭ بەيتۇششەباپ ناھىيەسى تاغلىق رايونىدا جامائەت خەۋپسىزلىك ۋە ژاندارما قىسىملىرى زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ 9 ئەزاسىنى بىر تەرەپ قىلدى.
1274737
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، ئىچكى بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش خىزمەتلىرى دائىرىسدە، جامائەت خەۋپسىزلىك ۋە ژاندارما قىسىملىرىنىڭ بەيتۇششەباپ ناھىيەسى تاغلىق رايونىدا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، يەنە 2 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ بۈگۈن سەھەردە 7 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى. شۇنداق قىلىپ، بۇ قېتىمقى ھەرىكەتتە بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچى سانى 9 غا يەتتى.
يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئاۋاشىن رايونىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ 3 ئەزاسىنى تەرەپ قىلدى.