ئەردوغان كەڭ خەلق ئاممىسىنى تېخنولوگىيە فېستىۋالىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كەڭ خەلق ئاممىسىنى ئىستانبۇل ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى ۋە تېخنولوگىيە فېستىۋالىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى.

1273679
ئەردوغان كەڭ خەلق ئاممىسىنى تېخنولوگىيە فېستىۋالىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، كەڭ خەلق ئاممىسىنى بۈگۈن ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى ۋە تېخنولوگىيە فېستىۋالىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىپ، ھەمدە فېستىۋالغا ئۆزىنىڭمۇ قاتنىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خەلقىمىزنىڭ مىللىي تېخنولوگىيە ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ يارقىن نامايەندىلىرى ھېسابلىنىدىغان، كېلەچەكنىڭ تۈركىيەسىگە قارىتا ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارايدىغان ياشلىرىمىزنىڭ ئىلھام مەنبەسى بولغان فېستىۋالغا مەنمۇ اتنىشىمىنەن. تۈركىيەنىڭ قۇدرەت تېپىشىدىن چەكسىز پەخىرلىنىدىغان بارلىق خەلقىمىزنىڭ بۇ فېستىۋالغا قاتنىشىشىغا تىلەكداشمەن.»

ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى ۋە تېخنولوگىيە فېستىۋالى تۈركىيە تېخنولوگىيە فوندى جەمئىيىتى بىلەن سانائەت ۋە تېخنولوگىيە ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تۈركىيەدىكى مۇھىم ئورۇنلار ۋە شىركەتلەرنىڭ  قىزغىن قوللىشى ئاستىدا  ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدا داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر