ئاكار غازى كۈنىدە بىخەتەرلىك رايون ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار ئامېرىكا بىلەن تەسىس قىلىنىدىغان بىخەتەرلىك رايون ئۈستىدە توختىلىپ: «مۇزاكىرە ۋە ئورتاق خىزمەتلەرگە، نىشانىمىزغا ئۇيغۇن بولغان ئەھۋالدا داۋاملاشتۇرىمىز. كېچىكتۈرۈش بولسا، بۇ خىزمەتلەر ئاخىرلىشىدۇ» دېدى.

1273121
ئاكار غازى كۈنىدە بىخەتەرلىك رايون ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار تۈنۈگۈن (19-سېنتەبىر) مىنىستىرلىقتا ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى ياشار گۈلەر ۋە باشقا ئارمىيە قوماندانلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «غازىلار كۈنى» مۇراسىمىدا، تۈركىيەنىڭ فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە 40-30 كىلومېتىر كەڭلىكتە ئېغىر تىپلىق قوراللاردىن ۋە تېررورىستلاردىن تازىلانغان بىخەتەرلىك رايون-تىنچلىق كارىدورى قۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ: «جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ مەلۇماتى ۋە يوليورۇقلىرى توغرىسىدا، مەقسەت، پىرىنسىپ ۋە نىشانلىرىمىزنى باشتىن تارتىپ مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرگە ئوچۇق ئېيتتۇق. ئامېرىكانىڭ باياناتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز. بۇنىڭدىن بۇرۇن مۇنبىچتا، راققەدە قىلغانلىرىنى بىلىمىز، ئوخشاش ئىشلارنىڭ يەنە قايتىلىنىشىنى خالىمايمىز. مۇزاكىرە ۋە ئورتاق خىزمەتلەر، مەقسەت ۋە نىشانلىرىمىزغا ئۇيغۇن بولغان ئەھۋالدا داۋام قىلىمىز. گوللاش، كېچىكتۈرۈش بولسا، بۇ خىزمەتلەر ئاخىرلىشىدۇ. تەييارلىق قىلدۇق، زۆرۈر بولسا، ئىككىنچى ۋە ھەتتا ئۈچىنچى پىلانلىرىمىزمۇ تەييار» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ سىياسىي ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئۇ يەردە تېررورلۇق كارىدورى پەيدا قىلىنىشىغا ھەرگىزمۇ رۇخسەت قىلمايمىز. ئاخىرقى نىشانىمىز، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|پ ي د|ي پ گ نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىش، سۈرىيەلىكلەرنىڭ يۇرت-ماكانلىرىغا قايتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش» دېدى.

ئۇ شىمالىي ئىراقتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «پەنجە ھەرىكىتى» توغرىسىدىمۇ توختالدى.

ئۇ: «ھازىر 3-پەنجە ھەرىكىتىنى كېڭەيتىۋاتىمىز. ئالاھىدە زەربىدارلار قىسمىمىز رايوندا. ھەربىي ھەرىكەتلىرىمىز داۋاملىشىدۇ» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدا بايلىقلارنى ئادىل بۆلۈشۈش توغرىسىدا پىرىنسىپچان مەيدانىنى نامايان قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «1974-يىلى قىبرىسلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قانداق قوغدىغان بولساق، بۈگۈنمۇ ئوخشاش ئىرادىگە ئىگىمىز. كاپالەتچى دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خەلقئارالىق قانۇن دائىرىسىدە، ئۆزىمىزنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى ۋە قىبرىسلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر