ھاككارىدا ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

ھاككارى ۋىلايەتلىك ژاندارما قوماندانلىقى بىلەن مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى بىرلىكتە زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى.

1272166
ھاككارىدا ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىغا قارىغاندا، ئىچكى بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش دائىرىسىدە ھاككارى تاغلىق رايونىدا ۋىلايەتلىك ژاندارما قوماندانلىقى بىلەن مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىككى ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىنغان.

باياناتتا، رايوندىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر