ئەنقەرەدە چاقىرىلغان ئۈچ دۆلەت باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن قوشما بايانات ئېلان قىلىندى

تۈركىيە – رۇسىيە – ئىران ئۈچ دۆلەت باشلقىلار يىغىنىنىڭ قوشما باياناتىدا، سۈرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى بىلەن ب د ت پىرىنسىپلىرىغا كۈچلۈك رىئايە قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەندى.

ئەنقەرەدە چاقىرىلغان ئۈچ دۆلەت باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن قوشما بايانات ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە تېمىلىق ئۈچ دۆلەت باشلىقلار يىغىنى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ساھىبخانلىقىدا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن تۈنۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەدىكى چانقايا سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان قوشما باياناتتا، سۈرىيەدە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش تونىغا ئورۇنۇۋېلىپ يېڭى مەسىلىلەرنى يارىتىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ قەتئىي رەت قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۈچ دۆلەت رەھبىرى، سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى خەۋپسىزلىك ۋە مۇقىملىقنى ئىگىلىك ھوقۇق ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

رەھبەرلەر، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى سۈرىيەنىڭ گولان ئېگىزلىكىگە دائىر خەلقئارا قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپ بولغان، رايوننىڭ تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان قارارىنى ئەيىبلىدى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەگە قىلىۋاتقان ھەربىي ھۇجۇملىرىنىڭ مۇقىملىققا زىيان يەتكۈزۈۋاتقانلىقى، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بىلەن زېمىن پۈتۈنلۈكىگە دەخلى قىلغانلىقى ۋە رايوندىكى سۈركىلىشنى ئۇلغايتىۋەتكەنلىكى قارىشىغا ئورۇن بېرىلدى.

رەھبەلەر، جىددىيچىلىكنىڭ ئۇلغىيىپ كېتىشىنىڭ نەتىجىسىدە رايون ۋە ئەتراپىدىكى ئىنسانىي كىرىزىسنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىپ كېتىشدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقلىرىنى بايان قىلىپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ئازايتىش يولىدا كونكېرت قەدەملەرنى تاشلاش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

رەھبەلەر يەنە، سۈرىيە ئىختىلاپىنى ھەربىي ئۇسۇللارغا تايىنىپ ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى، ئۇنى پەقەتلا سۈرىيەلىكلەرنىڭ باشلامچىلىقى ۋە ساھىبىخانلىقى بىلەن ب د ت نىڭ قولايلىق يارىتىپ بېرىشى سايىسىدا سىياسىي چارىلەرگە تايىنىپ ھەل قىلىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى بارلىقىغا دائىر قاراشلىرىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

باياناتتا، ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، يەنە بىر قېتىملىق ئۈچ دۆلەت باشلىقلار يىغىنىڭ ئىراندا ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ قارار قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر