جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئەرمېنىيەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس  فۇئات ئوكتاي ئەرمېنىيەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

1271176
جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئەرمېنىيەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس  فۇئات ئوكتاي، ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا چاقىرىلغان «ئەزەربەيجان – تۈركىيە سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى» يىغىنىد ا قىلغان سۆزىدە، ئەزەربەيجان تېرروتېرىيەسىنىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىر قىسمىدا داۋاملىشىۋاتقان ئەرمېنىيە ئىشغالىيىتىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى، ھەمدە بۇ ئىشغالىيەتكە خاتىمە  بېرىش يولىدا ئۇدا چارەك ئەسىردىن بۇيان ئەزەربەيجان بىلەن زىچ ھەمكارلىق ئورنىتىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۈستۈن قاراباغ مەسىلىسىنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ماقۇللانغان قارارلارغا ئۇيغۇن شەكىلدە ھەل قىلىنىشىنى، ھەمدە بىر مىليوندىن ئارتۇق مەزلۇم قېرىندىشىمىزنىڭ دەرھال ئۆز يۇرتىغا قايتىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئارزۇ قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر