ئەردوغان: سۈرىيەدە ئەڭ چوڭ تەھدىت دائېش ئەمەس، بەلكى پ ك ك|پ ي د

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۈرىيەدە ئەڭ چوڭ تەھدىتنىڭ دائېش ئەمەس، بەلكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ|پ ك ك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1270597
ئەردوغان: سۈرىيەدە ئەڭ چوڭ تەھدىت دائېش ئەمەس، بەلكى پ ك ك|پ ي د

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ۋە ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى بىلەن ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-رۇسىيە-ئىران ئۈچ تەرەپ يىغىنىدىن كېيىن، ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇردى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۈچ تەرەپ يىغىنىدا، سۈرىيەدە مەسىلىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈمىدىنى ياشىتىدىغان مۇھىم قارارلارنىڭ ئېلىنغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇ دائېشقا قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ياردەم قىلىشنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «سۈرىيەنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت مەنبەسى پ ك ك ۋە ئۇنىڭ گۇماشتىسى ي پ گ|پ ي د|پ ك ك» دېدى.

ئۇ: «بۇ دۆلەتتىكى ي پ گ|پ ي د|پ ك ك نىڭ مەۋجۇتلۇقى داۋام قىلغانسېرى سۈرىيەدە بولسۇن ياكى رايونىمىزدا بولسۇن خاتىرجەملىك ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ئۈچ تەرەپ يىغىنىدا، سۈرىيە چېگرالىرىمىزنىڭ بويىدا تېررورلۇقنىڭ تەشكىللىنىشىگە رازى بولمايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈردۈم» دېدى.

ئۇ ئاخىرقى نىشاننىڭ شىمالىي سۈرىيەدە تىنچلىق كارىدورى تەسىس قىلىپ، بۇ دۆلەتنىڭ پارچىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى تىنچلىق كارىدورى مۇساپىرلار ئۈچۈنمۇ قوغدىلىدىغان پورت بولىدۇ. دۆلىتىمىزدە پاناھلىنىۋاتقان ئەڭ ئاز دېگەندە 2 مىليون سۈرىيەلىك قېرىندىشىمىزنى بۇ رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇمكىن دەپ ئويلايمىز. يۇرت-ماكانلىرىغا قايتىدىغان سۈرىيەلىكلەر ئۈچۈن يېڭى تۇرالغۇ رايونلىرىنى تەسىس قىلىش مۇمكىن. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن،بۇ مەسىلىدە ھەر قانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئېلىشقا تەييارمىز. رۇسىيە، ئىران ۋە خەلقئارالىق جەمئىيەتنىڭ باشقا ئەزالىرى بىلەن سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن قايتىشى ئۈچۈن بىرلىكتە خىزمەت قىلىشنى خالايمىز» دېدى.

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدە تېررورىستلارنى قوللاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئامېرىكا سۈرىيەنى پارچىلاشقا تىرىشتى. بۇنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن قوبۇل قىلىنغان خىتابنامىدە، سۈرىيەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئۈچۈن ماددىلارنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئەمدى ئاساسىي قانۇن كومىتېتى خىزمەت قىلىشنى باشلىشى لازىم. سۈرىيەنى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇساپىسى باشلاندى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر