فۇئات ئوكتاي باكۇدا شېھىتزارلىقلارنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى فۇئات ئوكتاي ئەجدادلار مىراس قالدۇرغان مەنىۋى بايلىقلارنى كەلگۈسىگە يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1270087
فۇئات ئوكتاي باكۇدا شېھىتزارلىقلارنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى فۇئات ئوكتاي تۈنۈگۈن (15-سېنتەبىر) تۈركىيە-ئەزەربەيجان 8-بىرلەشمە ئىقتىسادىي كومىتېت يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇغا يېتىپ باردى.

ئۇ بۈگۈن (16-سېنتەبىر) يىغىن ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، ئەزەربەيجاننىڭ مەرھۇم پىرېزىدېنتى ھايدار ئەلىيېۋ قەبرىسى بار فاخرى ھىيابان دۆلەت قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلدى. ئۇ ھايدار ئەلىيېۋنىڭ قەبرىسىگە ۋە 20-يانۋار شېھىتلىرىنىڭ قەبرىلىرى جايلاشقان ئەبەدىي ئاتەش خاتىرە مۇنارىغا گۈلچەمبىرەك قويدى ھەمدە دۇئا قىلدى.

ئۇ ئارقىدىن باكۇدىكى تۈرك شېھىتزارلىقىغا باردى ۋە خاتىرە مۇنارىغا گۈلچەمبىرەك قويۇپ، خاتىرە دەپتىرىگە: «تۈرك خەلقىنىڭ باقىي بولۇشى ئۈچۈن جانلىرىنى پېدا قىلغان ئەزىز شېھىتلىرىمىز، بۇ خەلقنىڭ قەھرىمان ئەۋلادلىرى. باكۇنىڭ ئازادلىقىنىڭ 101 يىللىقىنى جۇشقۇن كەيپىيات ئىچىدە شەرەپ بىلەن خاتىرىلەۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە، سىلەرنىڭ مەنىۋى ھۇزۇرۇڭلاردا بولغانلىقىمدىن ئۆزەمنى شەرەپلىك ۋە خۇشال ھېس قىلىمەن. قېرىنداش ئەزەربەيجاننىڭ مۇداپىئەسى ۋە مۇقەددەس ۋەتەن زېمىنلىرىنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن جېنىڭلارنى پېدا قىلىپ، تىللاردا داستان قەھرىمانلىقىڭلارنى نامايان قىلدىڭلار. كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقىڭلارنى ۋە ئېتىقادىڭلارنى مىننەت بىلەن خاتىرىلەيمىز. تەۋرەنمەس ئېتىقادىڭلار بىلەن قىلغان پېداكارلىقىڭلار، بۈگۈنمۇ رىشتىلىرىمىزنىڭ ۋە قېرىنداشلىقىمىزنىڭ كۈچىيىشىدە كۆۋرۈك بولۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە. بىزگە مىراس قالدۇرغان مەنىۋى بايلىقلارنى كەلگۈسىگە يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن بارلىق كۈچىمىز بىلەن تىرىشىمىز. سىلەرنى رەھمەت ۋە ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمىز. روھىڭلار شاد بولسۇن» دەپ بېغىشلىما يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر