تۈركىيە: ئۆزبېكىستاننىڭ «تۈرك كېڭىشى» گە تولۇق ئەزا بولىدىغانلىقىدىن خۇشاللىق ھېس قىلماقتىمىز

تۈركىيە، ئۆزبېكىستاننىڭ تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشى (تۈرك كېڭىشى) گە تولۇق ئەزا بولىدىغانلىقىدىن خۇشاللىق ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1269663
تۈركىيە: ئۆزبېكىستاننىڭ «تۈرك كېڭىشى» گە تولۇق ئەزا بولىدىغانلىقىدىن خۇشاللىق ھېس قىلماقتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزبېكىستاننىڭ تۈرك كېڭىشىنىڭ قۇرۇلۇش باياناننامىسى - «نەھچىۋان كېلىشىمى» گە قېتىلىش يولىدىكى زۆرۈر بولغان ئۈچ باسقۇچلۇق ماقۇللىنىش مۇساپىسىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

قوشۇلۇش ھۆججىتىنىڭ نەھچىۋان كېلىشىمىنىڭ كاپالەتچىسى ئورنىدىكى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يەتكۈزۈلگەنلىكى قەيت قىلىنغان باياناتتا، «تەرەپىمىزمۇ تېگىشلىك رەسمىيەتلەرنى بۈگۈن تاماملىغان بولۇپ، مۇناسۋەتلىك ماددىنىڭ روھىغا ئاساسەن نەھچىۋان كېلىشىمى، ئۆزبېكىستان ئۈچۈن 2019 – يىلى 14 – ئۆكتەبىردە كۈچكە ئىگە بولىدۇ. دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئۆزبېكىستاننىڭ تۈرك كېڭىشىگە تولۇق ئەزا بولۇشى بىلەن بىرلىكتە، تۈرك دۇنياسى ئىچىدىكى ھەمكارلىق تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ، خەلقلىرىمىزنىڭ ئورتاق باياشاتلىقى ۋە ئېسەنلىكى ئۈچۈن ئورناتقان ھەمكارلىقىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. ئۆزبېكىستاننىڭ تۈرك كېڭىشىگە تولۇق ئەزا بولىدىغانلىقىدىن خۇشاللىق ھېس قىلىدىغانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر