تۈركىيە مورو مۇسۇلمانلىرىغا ياردەم قولىنى سۇندى

تۈركىيە تەرىپىدىن فىلىپپىندىكى مورۇ مۇسۇلمانلىرى ياشايدىغان مىنداناۋ ئارىلىنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىغا سېلىنغان 5 مەكتەپ بىناسى بىلەن 3 داۋالاش مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشى پۈتتى.

1269652
تۈركىيە مورو مۇسۇلمانلىرىغا ياردەم قولىنى سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى – تىكا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تىكانىڭ، بۇ يىل باڭسامورو ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى نەتىجىسىدە رايوندا قۇرۇلغان مۇسۇلمان مىنداناۋدىكى باڭسامورو ئاپتونوم رايونى ۋە مورولۇقلارغا ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى؛ بۇ دائىرىدە مىداناۋنىڭ داۋائو ئورىئېنتال، لاناۋ دېل سۇر ۋە ماگۇئىنداناۋ ئۆلكىلىرىگە قاراشلىق كوتاباتو، بۇلۇئان، لۇمباياناگۇئې ۋە كابۇياۋ شەھەرلىرىدە 4 سىنىپلىق 5 مەكتەپ بىناسى سالغانلىقىنى، كاتاباتو، داۋاۋ ئورىئېنتال ۋە ماراۋىدا ئۈچ داۋالاش مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش خىزمەتلىرىنىڭ تاماملانغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، مەكتەپ ۋە داۋالاش مەركەزلىرى ئارقىلىق BARMM نىڭ مائارىپ ۋە سەھىيە ئۇل – ئەسلىھەلىرىگە ئالاھىدە كۈچ قوشۇشنىڭ نىشان قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر