«ئامېرىكا تېررورچىلارغا قورال - ياراغ بەردى»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيەگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان تېررورچىلارغا قورال – ياراغ ياردەم قىلىشىنى تەنقىد قىلدى.

1269329
«ئامېرىكا تېررورچىلارغا قورال - ياراغ بەردى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەنگلىيەنىڭ «<رېيتېر> ئاگېنتلىقى» نىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، ي پ گ/پ ي د نىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ روشەن ھەقىقەتنى قانچە قىلساقمۇ غەرب ئەللىرىگە چۈشەندۈرەلمىدۇق. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سۈرىيەدىكى تېررورچىلارغا ئون مىڭلارچە يۈك ئاپتوموبىلغا قاچىلانغان قورال – ياراغلارنى ياردەم قىلدى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى شېرىكىمىز بولغان  ئامېرىكا تۈركىيەگە سېتىپ بەرمىگەن قورال – ياراغلارنى بۇ تېررورچىلارغا ھەقسىز بېرىۋاتىدۇ. ئى ئامېرىكا! سىلەر تۈركىيەگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان تېررورچىلارغا قورال – ياراغ بېرىۋاتىسىلەر، بۇنى قانداقمۇ ئىتتىپاقداشلىق دېگىلى بولسۇن؟!»

تۈركىيەنىڭ چېگرا رايونلىرىدا تېررورچىلار كارىدورى شەكىللەندۈرۈلۈشىگە ئەسلا يولغا قويمايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تولىمۇ ئەپسۇسكى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سۈرىيە بىلەن بولغان چېگرا لىنىيەلىرىمىزدە بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش تەلىپىمىزنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، بۇ بىزنى قايمۇقتۇرۇش سىياسىتىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. سەۋر - تاقەت قاچىمىز تېشىپ كەتسە، ئۆز يولىمىزغا مېڭىشقا مەجبۇر بولىمىز.»

ئەردوغان سۈرىيەنىڭئىدلىب شەھىرىىكى كۆزىتىش نۇقتىلىرىدىن تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتە ئەسكەر چېكىندۈرۈشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا مۇنداق دېدى: «بەششار ئەسەد كۈچلىرى كۆزىتىش نۇقتىلرىمىز بىلەن ھەپىلەشكەن ھامان، قايسى شەكىلدە بولسا بولسۇن، ھۇجۇمغا ئۆتكەن ھامان ئىش پۈتۈنلەي باشقىچە بولىدۇ، چۈنكى بىز ئۇ چاغدا ھازىرقىدەك سۈكۈت قىلالمايمىز.  ئۆكتەبىرنىڭ باشلىرىدا رۇسىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە تۈركىيە تۆت تەرەپ باشلىقلار يىغىنى چاقىرىمىز. يىغىندا ئىدلىب ۋە كۆچمەنلەر مەسىلىلىرى مۇزاكىرىلەر قىلىنىدۇ.»

رۇسىيەدىن سېتىۋېلىنغان «400 - س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى قۇراشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ كېلەر يىلى ئاپرېلغىچە تاماملىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «رۇسىيە بىزگە < SU-35/SU-57 > تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سېتىپ بېرىش تەكلىپىنى سۇندى. رۇسىيە <دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ساھەسىدە تاشلىنىدىغان ھەر بىر قەدەمدە بىز ھەمكارلىشىشقا تەييار>، دەۋاتىدۇ. رۇسىيەنىڭ <400 – س> باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى توغرۇلۇق تاشلىغۇسى ھەربىر قەدىمى بىزنى بىرئاز خاتىرجەم قىلىدۇ، بۇ سىستېمىنى قۇراشتۇرۇش خىزمىتى ئەڭ كېىچىككەندىمۇ كېلەر يىلى ئاپرېلغىچە تاماملىنىدۇ.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان « F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى سېتىۋېلىش ۋە تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالغاندا، مۇنداق دېدى: «< F-35 > تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى سېتىۋېلىش مەسىلىسىدە بىرەر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلسەك، باشقا يول تاللاشقا مەجبۇر بولىمىز.»

ئۇ، شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش سۈركىلىشىگە ئالاقىدار سوئالغا جاۋاب بەرگەندە ، مۇنداق دېدى: «شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ نوپۇسى قانچىلىك بولسا، شۇ نىسبەتتە شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى تەبىئىي بايلىقلاردىن بەھرىمەن بولۇش قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ ئەڭ تەبىئىي ھەققىدۇر. جۈملىدىن بىزنىڭ قىبرىس تۈركلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىمىز باردۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر