ئەردوغان: ساكاريا زەپىرى ئەزىز مىللىتىمىزنىڭ مۇستەقىللىق ئۈمىتلىرىنى جانلاندۇردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 1921 - يىلى قولغا كەلتۈرۈلگەن ساكاريا زەپىرىنىڭ تۈركىيەگە ئىلھام مەنبەسى بولۇشنى ۋە كەلگۈسى ئۈچۈن تاشلىغان قەدەملىرىنى يورۇتۇپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان: ساكاريا زەپىرى ئەزىز مىللىتىمىزنىڭ مۇستەقىللىق ئۈمىتلىرىنى جانلاندۇردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 13سىنتەبىر ساكايا زەپىرىنىڭ خاتىرە يىلى مۇناسىۋىتى بايانات ئېلان قىلدى.

ئەردوغان ساكاريا مەيدان ئۇرۇشىنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىگە نىسبەتەن مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان ھەل قىلغۇچ غەلىبىنىڭ ئاخىرىقى ھالقىسى بولغان ساكاريا زەپىرىنىڭ ئەزىز مىللەتنىڭ مۇستەقىللىق ئۈمىتلىرىنى جانلاندۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ساكاريا ئۇرۇشى قەھرمان ئارمىيەمىزگە كۈچ -قۇدرەت بەخش ئەتتى. مىللەت ئىرادىسىنىڭ بىردىن بىر نامايان قىلىنىش مەركىزى بولغان پارلامېنتىمىزنىڭ دۇنيادىكى ئېتىبارىنى يۇقىرى كۆتۈردى» دېدى. 

ئەردوغان باياناتىدا يەنە مۇنداق دېدى:

«ئىنتايىن قېيىن شارائىت ۋە ئىمكانىيەتسىزلىكلەر ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ ھەربىر باسقۇچى شۇنداقلا ئىزىز مىللىتىمىزنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئىچىدە قولغا كەلتۈرگەن زەپەرلىرى بىزلەرگە نىسبەتەن ئىلھام مەنبەسى بولۇشنى ھەمدە كەلگۈسى ئۈچۈن تاشلىغان قەدەملىرىمىزنى يورۇتۇپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ساكاريا زەپىرىنىڭ خاتىرە يىلىدا غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك قاتارلىق ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ بارلىق قەھرىمانلىرىنى ئاللاھتىن رەھمەت تېلەش ۋە مىنەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈش بىلەن ئەسلەيمىز. خەلقىمگە چىن قەلبىمدىن سالامىمنى يوللايمەن»

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر