تۈركىيەدە تېررورچىلارغا ئېغىر زەربە بېرىلمەكتە

مۇشنىڭ شەنيايلا ناھىيەسى ئەتراپىدا ۋىلايەتلىك ژاندارما قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ۋە ھاۋا ئارمىيەسىمۇ ھەمكارلاشقان ھەربىي ھەرىكەتتە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى قوراللىرى بىلەن بىرگە قولغا چۈشتى.

تۈركىيەدە تېررورچىلارغا ئېغىر زەربە بېرىلمەكتە

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەرىكەت جەريانىدا تېررورچىلارغا تەۋە يەرلىك ئۇسۇلدا ياسىۋىلىنغان بومبا ۋە باشقا تۇرمۇش ئەسلىھلىرىمۇ قولغا چۈشۈرۈلدى.

ھاككارىنىڭ چۇكۇرجا ناھىيەسى ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە بولسا، 2 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

ماردىندە، شەھەر مەركىزىدە بۇمبا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىش ۋە دالا ئوت ئاپىتى پەيدا قىلىش ئۈچۈن يوللانغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 2 تېررورچى قولغا چۈشتى.

تۈنۈگۈن پ ك ك/ ك ج ك نىڭ پائالىيەت ۋە پىلانلىرى پاش قىلىنىپ، ئەجەللىك زەربە بېرىش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلاندى. ھەرىكەتتە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ ك ج ك- پ ي د/ ي پ گ تەرىپىدىن تۈركىيەدە تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىشى ئۈچۈن يېتىشتۇرۇلگەن ۋە تۈركىيەگە يوللانغان 2 تېررورچى قولغا چۈشۈرۈلدى.

تېررورچىلارنىڭ بومبا ھۇجۇملىرى ۋە دالا ئوت ئاپىتى تۇغدۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلغانلىقى بايقالدى. قولغا ئېلىنغان تېررورچىلار ئەدلىيە رەسمىيەتلىرى تاماملانغاندىن كېيىن تۈرمىگە يوللاندى.

ۋاننىڭ گۈلپىنار ناھىيەسىدىمۇ پ ك ك غا قارشى ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا بايقالغان 3 پاناھجايدا تېررورچىلارغا ئائىت ئوق دورا ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى قولغا چۈشۈرۈلدى ھەمدە پاناھجاي پاچاقلاپ تاشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر