تۈركىيە ۋە ئامېرىكا قىسىملىرى فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە تۆتىنچى قېتىم بىرلەشمە چارلاش ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن ئامېرىكا ئارمىيەسى، تۆتىنچى قېتىملىق تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن بىرلەشمە چارلاش ئېلىپ بېرىش خىزمىتىنى ئورۇندىدى.

تۈركىيە ۋە ئامېرىكا قىسىملىرى فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە تۆتىنچى قېتىم بىرلەشمە چارلاش ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن ئامېرىكا ئارمىيەسى، سۈرىيەدە فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى بىخەتەر رايون تەسىس قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى ئىشقا ئاشۇرۇش دائىرىسىدە تۆتىنچى قېتىملىق تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن بىرلەشمە چارلاش ئېلىپ بېرىش خىزمىتىنى ئورۇندىدى.

تۈركىيە ئارمىيەسى ئىككى تىك ئۇچار ئايروپىلانى بىلەن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىككى تىك ئۇچار ئايروپىلانى شانلىئۇرفانىڭ ئاقچاقەلئە ناھىيەسىدىكى بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىش مەركىزىدىن قوزغىلىپ، چېگرانىڭ سۈرىيە تەرىپىگە قاراپ ھەرىكەت قىلدى.

تۈركىيە ۋە ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بۇنىڭدىن بۇرۇن 3 قېتىم بىرلىكتە تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن، بىر قېتىم قۇرقلۇقتا چارلاش ئېلىپ بارغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر