چاۋۇشئوغلۇ تېلېفون دىپلوماتىيەسىنى داۋاملاشتۇرماقتا

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ فىرانسىيە، ياپونىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

چاۋۇشئوغلۇ تېلېفون دىپلوماتىيەسىنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئالدى بىلەن، فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يېن يۋېس لې درىئان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن. تېلېفون سۆھبىتىدە، لىۋىيە ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان. ئارقىدىن ياپونىيەنىڭ سابىق دىپلوماتىيە مىنىستىرى تارو كونو بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ تۈنۈگۈن كەچتىمۇ ئىتالىيەنىڭ سببق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېنزو موئاۋېرو مىلانېسى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن، تېلېفون سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر