تۈركىيە ئىراققا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە تۈنۈگۈن ئىراقنىڭ كەربالا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاشۇرە مۇراسىمىدا يۈز بەرگەن قىستاقچىلىقتا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن دۆلەتكە تەزىيە بىلدۈردى.

تۈركىيە ئىراققا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، تۈركىيەنىڭ ئىراقنىڭ كەربالا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاشۇرە مۇراسىمىدا يۈز بەرگەن قىستاقچىلىق سەۋەبىدىن دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا ئونلارچە كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى ۋە 100 كىشىنىڭ يارىلىنىشىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن قېرىنداش دۆلەت ئىراق خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر