تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن ئىستىخبارات ئىدارىسى بىرلىكتە ھەرىكەت ئېلىپ بارغان

تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى بىلەن تۈركىيە ئارمىيەسى 2019-يىلى 19-ئاۋغۇستتا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك قاندىل تېغىدا تەلىم-تەربىيە ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقان بىر بىنادا ھەرىكەت ئېلىپ باردى.

تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن ئىستىخبارات ئىدارىسى بىرلىكتە ھەرىكەت ئېلىپ بارغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى بىلەن تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ قاندىل رايونىدا بىرلىكتە ئېلىپ بارغان ھەرىكەتتە ۋەيران بولغان بىنادا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەلىم-تەربىيە ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقان بىنادىن قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان پ ك ك|ك ج ك نىڭ نامدىكى ئىجرائىيە كېڭىشىنىڭ ئەزاسى گۈلزار تۇرالى بىلەن ئاياللارنىڭ نامدىكى ئەڭ يۇقىرى ئىجرائىيە كېڭىشىنىڭ ئەزاسى سالىھە كايتارنىڭ بارلىقى ئېنىقلاندى.

تۇرالى 1993-يىلى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئەزا بولغان. ئۇ بىر ۋاقىتتا ئەرزىنجان-تۇنجەلى رايونىدا پائالىيەت قىلغان ۋە جەمئىيەتنى قالايمىقان قىلىش جەھەتتە تەربىيەلەنگەن.

كايتار رۇسىيەدە پائالىيەت قىلغان. 2011-يىلى مارت ئېيىدا قاندىلغا بارغان ۋە پ ك ك|ك ج ك نىڭ ئىجرائىيە كېڭىشىگە قوبۇل قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر