تۈركىيە قاتارلىق 50 دىن كۆپرەك دۆلەت ھىندىستانغا چاقىرىق ئېلان قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە تۈركىيە قاتارلىق 50 دىن كۆپرەك دۆلەت ھىندىستانغا ئالاھىدە رايونلۇق سالاھىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان جاممۇ كەشمىردىكى كىشىلىك ھەقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى توختىتىشى ئۈچۈن چاقىرىق ئېلان قىلدى.

تۈركىيە قاتارلىق 50 دىن كۆپرەك دۆلەت ھىندىستانغا چاقىرىق ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت نىڭ شىۋېيىتسارىيەدىكى جەنۋە ئىشخانىسىدا داۋاملاشقان كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 42نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ 2ئولتۇرۇشىدا كەشمىر مەسلىسى ئالدىنقى نۇقتىلىق تېما بولدى.

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شاھ مەھمۇد قۇرەيشىنىڭ كەشمىر مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلىگەن ئۇزۇن نۇتۇقىدىن كېيىن، بەزى دۆلەتلەر ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، بىر ئورتاق دوكلاتقا ئىمزا قويدى.

تۈركىيە قاتارلىق 50 دىن كۆپرەك دۆلەت ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەرىپىدىن تەييارلانغان دوكلاتتا ھىندىستاننىڭ 5ئاۋغۇستتا رايوننىڭ ئالاھىدە سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى بىلەن كەشمىردە كىشىلىك ھوقۇق شەرمەندىچىلىكلىرى كۆرۈنۈشكە ۋە ئىنسانىي ۋەزىيەتنىڭ ناچارلىشىشقا باشلىغانلىقى تەكىتلەندى.

رايوننىڭ ئەھۋالى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مىخانىزمى نۇقتىسىدىن جىددىي مەسىلىگە ئايلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن دوكلاتتا يەنە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىچەل باچېلېتنىڭ «ھىندىستاننىڭ رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان يېقىنقى ھەرىكەتلىرىدىن ئەندىشە ھېس قىلماقتىمىز» دېگەن باياناتىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەيدىغانلىقى قەيت قىلىندى.  

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئىشخانىسىغا سۇنۇلۇپ، رۇيخەتكە ئالدۇرۇلىدىغان ئورتاق دوكلاتتا، كەشمىر خەلقىنىڭ بولۇپمۇ تۇرمۇش، ئەركىنلىك ۋە ئاساسلىق كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈلىشى ۋە قوغدىلىنىشى تەلەپ قىلىندى. 

ھىندىستاننىڭ كەشمىردە يولغان قويغان كوچىغا چىقىشنى چەكلەش بەلگىلىمىسىنىڭ دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشى، ئۇچۇر ئالاقە ۋاستىلىرىنىڭ چەكلىنىشىگە خاتىمە بېرىلىشى ۋە سىياسىي تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشى كېرەكلىكى تىلغا ئېلىندى.

دوكلاتتا يەنە، ھىندىستان قىىسملىرىنىڭ كەشمىر خەلقىگە ھەددىدىن ئارتۇق كۈچ ئىشلىتىشنى توختىتىشى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا ئاخباراتنىڭ توسالغۇسىز ھالدا كەمشىرگە كېرەلىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر