قالىن، تۈركىيەنىڭ فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىي قىسمىغا ئالاقىدار سىياسەتلىرى توغرىسىدا توختالدى

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، «مۇنبىچتىكىگە ئوخشاش كولدۇرلىتىش، دىققەتنى چېچىش، نىشاندىن ئاغدۇرۇش دېگەندەك ئۇسۇللارنىڭ ئىشقا سېلىنىشىغا ئەلۋەتتە يول قويمايمىز» دېدى.

قالىن، تۈركىيەنىڭ فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىي قىسمىغا ئالاقىدار سىياسەتلىرى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىبراھىم قالىن، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رىياسەتچىلىكىدە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە تۈنۈگۈن چاقىرىلغان جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئىچكى كابېنىت يىغىنى داۋاملىشىۋاتقان پەيتتە بايانات بەردى ۋە مۇخبىرلارنىڭ كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلىپ، تۈركىيەدىكى ئومۇمىي سىياسىي ۋەزىيەت، رايوننىڭ خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى، ئىقتىساد ۋە سىياسىي ساھەدە تاشلىنىدىغان قەدەملەر توغرىسىدا توختالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغاننىڭ، فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىن كۈزىتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى تىلغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن قالىن، ئىدلىبتىكى ئۆزگىرىشلەرنىمۇ بارلىق دائىرىلەرنىڭ يېقىندىن كۈزىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

قالىن، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدە ناھايىتى مۇھىم بىر ۋەزىپىنى ئادا قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، دۈشەنبە كۈنى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رىياسەتچىلىكىدە ئەنقەرەدە چاقىرىلىدىغان ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنىدا بۇ مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

يىغىندا، رايوندىكى خەۋپسىزلىك مەسىلىسىگە چېتىشلىق مەسىلىلەرنىڭمۇ ئەتراپلىق شەكىلدە مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن قالىن، بولۇپمۇ فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئاساسىي كۈنتەرتىپ ماددىلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

قالىن، ئامېرىكا بىلەن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم دائىرىسىدە، بىخەتەر رايون تەسىس قىلىش قەدەملىرىنىڭ تېزلىك بىلەن تاشلانغانلىقىنى، ئىككى كۈن ئىلگىرى تۇنجى قېتىم قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنىڭ چارلاش ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن ھاۋادىن چارلاش ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى.

ئورتاق ھەرىكەت مەركىزىنىڭمۇ قۇرۇلغانلىقىنى تىلغا ئالغان قالىن، بۇنىڭغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

«بىخەتەر رايون تەسىس قىلىش، باشقۇرۇش، ئامانلىقنى ساقلاش، نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىزنىڭ خادىملىرىمىز تەرىپىدىن مۇستەقىل ھالدا جەزملەشتۈرۈلۈشى ئۈچۈن، ئامېرىكىلىق ئەمەلدارلار بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمىز، ئىستىخبارات ئىدارىمىز ۋە باشقا تارماقلىرىمىز ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېگەن قالىن، «بۇ يەردە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىزمۇ، ھۆرمەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىزمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك، مۇنبىچتىكىگە ئوخشاش كولدۇرلىتىش، دىققەتنى چېچىش، نىشاندىن ئاغدۇرۇش دېگەندەك ئۇسۇللارنىڭ ئىشقا سېلىنىشىغا ئەلۋەتتە يول قويمايمىز. بېكىتكەن بەلگىلىمىلىرىمىز دائىرىسىدە بىخەتەر رايوندا فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە قىلىنىشى كېرەك بولغان ئىشلار ئېنىقتۇر. بۇلارنى قىلچىلىكمۇ يول قويماستىن قەتئىي شەكىلدە ئىجرا قىلىش، خىزمەت مۇساپىسىنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش لازىم. ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ 21 – سېنتەبىردە باشلىنىدىغان نيۇ يوركتىكى ب د ت دىكى ئۇچرىشىشلىرىنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىلىرىنىڭ بىرى بۇ مەسىلە بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىبراھىم قالىن سۆزى جەريانىدا يەنە، دىيارباكىردا پەرزەنتلىرى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرىپىدىن ئېلىپ قېچىلغان ئانىلارنىڭ نامايان قىلغان جاسارىتىنىڭ مۇھىملىقىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئۇ، چەت ئەل مەتبۇئاتىنىڭ بۇ ۋەقەنى كۆرمەسكە سېلىشىنى تەنقىد قىلىپ، «چەت ئەل مەتبۇئاتىنىڭ كۆڭۈل بۆلمەسلىكى ھەقىقەتەنمۇ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. كىچىك ۋەقەلەرنى يوغىنىتىپ بېرىدىغان خەلقئارا مېدىيانىڭ بۇ مەسىلىگە سۈكۈت قىلىشى بەلكىم مەقسەتلىك ھالدا مۇشۇنداق قىلىشى ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا ئەرزىسىمۇ، بۇ بىزنىڭ ئىرادىمىزغا، ئۆزئارا ھەمكارلىقىمىزغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر