ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئامېرىكادىن قوللاشنى كۈتىدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكانىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا ۋە مۇساپىرلار ئۆي-ماكانلىرىغا قايتالايدىغان بىخەتەر رايون تەسىس قىلىشتا تۈركىيەنى قوللىشىنى كۈتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئامېرىكادىن قوللاشنى كۈتىدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا سودا مىنىستىرى ۋىلبۇر روس (Wilbur Ross) ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنى جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا قوبۇل قىلدى.

ئۇ: «ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دوستۇم دونالد ترامپ بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى مۇزاكىرەلىرىنى باشلاش مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە قويدۇق. مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىرىمىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ مەسىلە ئۈستىدە خىزمەتلىرىنى باشلايدۇ» دېدى.

ئۇ ئامېرىكالىق مەبلەغ سالغۇچىلارغا چاقىرىق قىلىپ: «تېخىمۇ كۆپ ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ دۆلىتىمىزگە مەبلەغ سېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. دۆلىتىمىزگە كەلگەن ھەر بىر ئامېرىكالىق مەبلەغ سالغۇچىلارغا كېرەكلىك ياردەملەرنى قىلىشقا تەييارمىز» دېدى.

ئۇ سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«دۆلىتىمىزنىڭ سۈرىيەدىن كېلىدىغان يېڭى كۆچ دولقۇنىنى كۈتۈۋېلىشى ئەمدى مۇمكىن ئەمەس. ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ھەم رايونىمىزنىڭ ھەمدە سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ يۇرت-ماكانلىرىغا قايتىشىغا ئەڭ چوڭ توسالغۇ بولۇۋاتقىنى، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بىلەن، ئۇنىڭ گۇماشتىسى ي پ گ غا ئوخشايدىغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدۇر. ئېتنىڭ قىرغىنچىلىق قىلغان، رايون خەلقىنى كۆچۈشكە مەجبۇرلىغان، تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ جان ۋە مال بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغان بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى قەتئىي ھالدا تەھدىت ئامىلى بولۇشتىن يوقىتىلىشى لازىم. سۈرىيەدە 50 مىڭغا يېقىن يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن بۇ يەردىكى تېررورىست گۇرۇپپىلارغا ماشىنا ۋە ئوق-دورا ئەۋەتىلىشى بىزنى قاتتىق بىئارام قىلماقتا. ئامېرىكادىن كۈتىدىغىنىمىز تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىمىزدە ۋە مۇساپىرلار ئۆي-ماكانلىرىغا قايتالايدىغان بىخەتەر رايون تەسىس قىلىش تىرىشچانلىقىمىزنى قوللىشىدۇر.»

ئۇ تۈركىيەنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئامېرىكادىن 2016-يىلى 15-ئىيۇل كېچىسى تۈرك دېموكراتىيەسىگە ھۇجۇم قىلغان (ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغان) فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى يېقىن ھەمكارلىشىشىنى كۈتىمىز. بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى ھازىر پېنسىلۋانىيەدە 400 گېكتار كېلىدىغان جايدا بارلىق خادىملىرى بىلەن بىرگە ياشىماقتا» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر