ھەمكارلىقتىن نەتىجە چىقمىسا رايونغا كىرىمىز

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكانىڭ مۇنبىچ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش پىلانىدا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى ئېيتتى.

1266930
ھەمكارلىقتىن نەتىجە چىقمىسا رايونغا كىرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەنقەرەگە زىيارەتكە كەلگەن قاراتاغ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سردژان دارمانوۋىج بىلەن ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا كۆرۈشكەندىن كېيىن، بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ سۈرىيەدە تۈركىيە بىلەن ئامېىكا ئىجرا قىلغان ئورتاق چارلاش ئۈستىدە توختىلىپ، ئامېرىكا بىلەن بىخەتەر رايون تەسىس قىلىش مۇزاكىرەلىرى باشلانغاندا، ئورتاق ھەرىكەت مەركىزى قۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك تۇنجى قەدەمنىڭ بېسىلغانلىقىنى ۋە بۇنى باشلانغۇچ نۇقتىسى دەپ قارايدىغانلىقىلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئامېرىكاغا ناھايىتى ئېنىق ئاگاھلاندۇرۇشلارنى بەرگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ: «نېمە ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇشقا ئېھتىياجلىق ھېس قىلدۇق؟ چۈنكى ئامېرىكا مۇنبىچ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردە، ناھايىتى ئەپسۇسكى بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىدى» دېدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ھازىر بەزى ئورتاق چارلاشلار بولۇۋاتىدۇ، بىراق بۇنىڭ سىرتىدا بېسىلغان قەدەملەر ياكى بېسىلغانلىقى ئېيتىلغان قەدەملەر كۆزنى بويايدىغان قەدەملەر ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكانىڭ بىر قانداقلارنى قىلىپ ئادەمنى گوللىماقچى بولغانلىقىنى ۋە تۈركىيەنى بۇنىڭغا كۆندۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بىزنىڭ بۇ مەسىلىدە مەيدانىمىز ناھايىتى ئېنىق. دېمىسىمۇ بىز كۆرۈۋاتقان بۇ مەنزىرە، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا باشلامچى ئىكەنلىكىنى دەۋاتقان بىر دۆلەت دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىبرەتلىك مەنزىرەدۇر. بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن ئايرىلىپ ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلالمىغان نامدىكى ئىتتىپاقداش توغرىسىدا گەپ قىلىۋاتىمىز.»

ئۇ ئامېرىكانىڭ بىر تەرەپتىن تۈركىيە بىلەن بۇ كۆزنى بويايدىغان قەدەملەرنى تاشلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ نامى تىلغا ئېلىنىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى رايوندىن تازىلىشىنىڭ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، تۈركىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۇ مەسىلىدە يول قويۇشىمىز قەتئىي مۇمكىن ئەمەس. بۈگۈنكى يول قويۇش كەلگۈسىدە بىزنى تېخىمۇ چوڭ خەتەرلەرگە دۇچار قىلىشى مۇمكىن. جۇمھۇر رەئىسىمىز تەكىتلىگىنىدەك، مۇزاكىرەلەردىن ۋە ھەمكلارلىقلاردىن نەتىجە چىقمىسا-بىز ھەر تۈرلۈك تەييارلىقلىرىمىزنى قىلدۇق-بۇ رايونغا كىرىمىز. ئافرىن ۋە فىرات قالقىنى رايونلىرىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ۋە ي پ گ|پ ك ك نى قانداق تازىلىغان بولساق، ئۇلارنىمۇ شۇنداق تازىلايمىز. شۇنداق قىلغاندا، بىخەتەر رايون قۇرۇلىدۇ ۋە يەنە بىر تەرەپتىن مۇقىملىق قولغا كېلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر