«ھەددىدىن زىيادە كۆچمەننى قوبۇل قىلالمايمىز»

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس  فۇئات ئوكتاي تۈركىيەنىڭ ئىدلىب تەرىپىدىن كۆچمەنلەر ئېقىنى مەيدانغا كەلگەن تەقدىردە ھەددىدىن زىيادە كۆچمەنگە ساھىبخانىلىق قىلالمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1265221
«ھەددىدىن زىيادە كۆچمەننى قوبۇل قىلالمايمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيەنىڭ شىمالىدىكى كېرنوببىئو شەھىرىدە چاقىرىلغان 45 – نۆۋەتلىك Ambrosetti  مۇنبىرى  يىغىنىغا قاتناشقان ئوكتاي، «‹ Bloomberg › تېلېۋىزىيە قانىلى» دا، كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى ھەمدە «سۈرىيەدىن يېڭى بىر كۆچمەنلەر دولقۇنغا دۇچ كېلىۋاتامدۇق قانداق؟» تەرىقسىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «تولىمۇ ئەپسۇسكى، شۇنداق، دۆلىتىمىز بۇ رايوندا تىنچلىق ئورنىتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا ناھايىتى زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، ياۋروپا پەقەت ئۆزلىرىنىڭ مەسىلىلىرى بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى ئۇنتۇپ قالدى. ئەمما ياۋروپاغا نىسبەتەن ئەڭ ئاساسلىق مەسىلە رايوندىكى ياۋروپالىق ئۇرۇش قىلغۇچىلاردۇر.»

ئىدلىبقا قارىتا ھۇجۇملارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان ئوكتاي، بۇ يەردە بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ دوختۇرخانىلارنى، مەكتەپلەرنى ۋە پۇقرالارنى بومباردىمان قىلىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ 3.7 مىليون سۈرىيەلىك كۆچمەنگە ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا شۇ ھەقىقەتنى چۈشىنىشى كېرەككى، تۈركىيە ئىدلىب تەرىپىدىن بىرەر كۆچمەنلەر ئېقىنىغا دۇچ كەلگەن تەقدىردە، ھەددىدىن زىيادە كۆچمەنگە ساھىبخانىلىق قىلالمايدۇ. شۇڭا ياۋروپا بۇ خەۋپ بىلەن يۈزلىشىشى كېرەك. چۈنكى تۈركىيە بۇ يۈكنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆز ئالدىغىلا چىقالمايدۇ.»

ئۇ يەنە، تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا دىن، جۇغراپىيە ياكى ئېتنىك مىللەت نۇقتىسىدىن قارىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۈرىيەلىك پۇقرالارنىڭ تېررورىزم سەۋەبىدىن بەدەل تۆلىمەسلىكى لازىملىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر