بۈگۈن سىۋاس كونگرەسى ئېچىلغانلىقىنىڭ 100-يىللىقى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىر ئەسىردىن كېيىن مۇستەملىكە قىلىش ۋە ھىمايىنىڭ قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1263806
بۈگۈن سىۋاس كونگرەسى ئېچىلغانلىقىنىڭ 100-يىللىقى
erdogan sivas kongresi.jpg
erdogan sivas kongresi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن (4-سېنتەبىر) تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرى بولغان سىۋاس كونگرەسى ئېچىلغانلىقىنىڭ 100-يىلى.

1919-يىلى 4-سېنتەبىردىن 11-سېنتەبىرگىچە سىۋاستا چاقىرىلغان كونگرەدە ئېلىنغان مۇھىم قارارلار، ۋەتەن زېمىنلىرىنىڭ بىر پۈتۈن ئىكەنلىكى، بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقى بىلەن، مۇستەملىكە ۋە ھىمايىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى ئىدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سىۋاس كونگرەسىنىڭ 100-يىللىقىنى تەبرىكلەش پىروگراممىسىغا ئىىشتىراك قىلدى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى.

ئۇ سىۋاستا ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىغا گۈلچەمبىرەك قويدى ۋە 4-سېنتەبىر كۈنىنىڭ خەلقنىڭ خاتىرىسىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ تەييارلىقلىرى قىلىنغان سىۋاسنىڭ، مىللىي كۈرەش ۋە جۇمھۇرىيەتنىڭ تۇنجى مەركىزى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ بىر ئەسىر بۇرۇن دۇنياغا بېرىلگەن «مۇستەملىكە ۋە ھىمايە قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدۇ» دېگەن سىگنالنى تەكرارلىدى ۋە مۇنداق دېدى:

«بىر ئەسىردىن كېيىن، يەنە شۇنى تەكرارلايمىزكى، مۇستەملىكە ۋە ھىمايە قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدۇ. دۆلەت چېگرالىرى ئىچىدە ۋەتەن بىر پۈتۈندۇر. ۋەتىنىمىز، بايرىقىمىز، دۆلىتىمىز، خەلقىمىز، ئىستىقلالىمىز، بىزنىڭ شەرىپىمىز، نومۇسىمىز ھېسابلىنىدۇ. ۋەتىنىمىزگە، بايرىقىمىزغا، ئىستىقلالىمىزغا سوزۇلغان ھەر قانداق قولنى سۇندۇرۇپ تاشلايمىز. مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىن تۈركىيەگە قارشى ھەرىكەت قىلماقچى بولغانلارغا، كۆكېرىكىمىزنى قالقان قىلىش بەدىلىگە داۋاملىق كېرەكلىك جاۋابنى بېرىمىز. تۈركىيەنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە ۋە نىشانلىرىغا قارشى قۇرۇلغان ھەر قانداق تۇزاقلارنى بۇزۇپ تاشلايمىز.»    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر