ئاكار بېرىلگەن ۋەدىلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا قەتئىيلىك بىلەن داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1262828
ئاكار بېرىلگەن ۋەدىلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار تۈنۈگۈن (2-سېنتەبىر) 2020-2019 ئۇچۇش تەلىم-تەربىيە يىلى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، ئىشتاب باشلىقى ياشار گۈلەر، قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى ئۈمىت دۈندار، دېڭىز ئارمىيە قوماندانى ئادنان ئۆزبال ۋە ھاۋا ئارمىيە قوماندانى ھاسان كۈچۈكئاكيۈزنىڭ ھەمراھلىقىدا ئىزمىر چىغلىدىكى 2-ھاۋا ئارمىيە قوماندانلىق مەركىزىگە باردى.

ھۇلۇسى ئاكار مۇراسىمدا ھەربىي بازىدىكى ىادىملارغا خىتاب قىلىپ، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورلۇق كارىدورى قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقلىرىنى قايتا تەكىتلىدى.

ئۇ ئامېرىكا بىلەن داۋام قىلىۋاتقان بىخەتەر رايون قۇرۇش خىزمەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ: «بىزگە بېرىلگەن ۋەدىلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى كۆزىتىپ تۇرۇۋاتىمىز. بىزگە بېرىلگەن ۋەدىلەر ھەر قانداق شەكىلدە ئاقسىتىپ قويۇلسا ياكى ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىسا، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ ئىككىنچى، ھەتتا ئۈچىنچى پىلانى بار، ئۇلارنى ئىجرا قىلىشقا تەييارمىز. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دېگەندەك، ئۆزىمىزنىڭ قورسىقىنى ئۆزىمىز ئوپېراتسىيە قىلىشقا مەجبۇرمىز» دېدى.

ئۇ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەربىي ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:

«ئىراقنىڭ شىمالىدا ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. ئىراقنىڭ شىمالىدا 1-پەنجە، 2-پەنجە، 3-پەنجە ھەرىكەتلىرى مۇۋاپىق شەكىلدە داۋام قىلىۋاتىدۇ. بۈگۈنگىچە ئىراقنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە جەمئىي 700 ئەتراپىدىكى تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى.»

ئۇ مۇراسىمدىن كېيىن ھاۋا ئارمىيە قوماندانى ھاسان كۈچۈكئاكيۈز بىلەن بىرلىكتە «T-38» تىپلىق مەشىق ئايروپىلانى ۋە ئەگە دېڭىزىدىكى ئۇچۇش ماھارەتلىرىنى كۆردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر