ئەردوغان: فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى تېررورچىلارنى تازىلاش ئىرادىمىز قەتئىي

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ، فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى بىتچىت قىلىپ تاشلاش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

1262409
ئەردوغان: فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى تېررورچىلارنى تازىلاش ئىرادىمىز قەتئىي

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى كونيا ۋىلايەتلىك شۆبىسى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇراسىمدىكى سۆزى جەريانىدا تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ توختالدى.

تۈركىيەنىڭ سۈرىيەلىك زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارغا دەرۋازىسىنى ئېچىش ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانى بولغانلىقىنى، پۈتكۈل دۇنياغا مەرھەمەت ۋە ئىنسانلىق ساۋىقى بەرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيە ئەگەر فىرات قالقىنى ۋە زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارمىغان بولسا ئىدى، جەنۇبىي چېگراسى بويىدا بىر تېررورلۇق كارىدورىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قىينىلىپ قالغان بولاتتى، دېدى.

مەزكۇر ئىككى ھەرىكەت ئارقىلىق يامان نىيەتلىكلەرگە ئېغىر زەربە بەرگەنلىكلىرىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «فىراتنىڭ شەرقىدىكى تېررور ئۇۋىلىرىنى تازىلاش ئىرادىمىز قەتئىي. سۈرىيەدە بۇ قەدەملەرنى تاشلاۋاتقان بىر پەيتتە، يەنە بىر قوشنىمىز ئىراقتىمۇ پەنچە ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى يىقىتماقتىمىز. ھەم سۈرىيە ھەم ئىراق ساھەسىدىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىمىز كۈچەيگەنسېرى، پ ك ك نىڭ دۆلىتىمىزدىكى ھەرىكەت ئىقتىدارىمۇ ئاجىزلايدۇ. تەشكىلاتتىن قاچقانلار ۋە تەسلىم بولۇۋاتقانلار سانىدا زور دەرىجىدە ئېشىش بار. چېگرالىرىمىز ئىچىدە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىمىز 365 كۈن، 12 ئاي، 24 سائەت ئۈزلۈكسىز زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا. قوراللىق ۋە قورالسىز ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىمىز تېررورچىلارغا نەپەس ئېلىش پۇرسىتى بەرمەيۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر