فۇئات ئوقتاي مايك پېنس بىلەن كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي تۈنۈگۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس بىلەن كۆرۈشتى.
1261900
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي، پولشا پىرېزىدېنتى ئاندرزېج دۇدانىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى باشلانغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلغان لىدېرلارغا بەرگەن زىياپەتكە قاتناشتى.
زىياپەت جەريانىدا ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس بىلەن كۆرۈشكەن ئوقتاي، ئامېرىكىنىڭ تېكساش ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن پېنسقا تەزىيە بىلدۈردى.
ئوقتاي بىلەن پېنس، تۈركىيە – ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇناسىۋەتلىرى، شۇنداقلا رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر بويىچە پىكىر ئالماشتۇردى.