ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ تۈركىيە مۇخبىرىنى يارىلاندۇرۇشى قاتتىق نارازىلىق قوزغىدى

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ فوتو سۈرەت مۇخبىرى ئەلى جاداللاھنى يارىلاندۇرۇشى قاتتىق نارازىلىق قوزغىدى.

1261497
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ تۈركىيە مۇخبىرىنى يارىلاندۇرۇشى قاتتىق نارازىلىق قوزغىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن ژۇرنالىستلار ئۇيۇشمىسى، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ غەززە رايونىنىڭ شەرقىدىكى تىنچ ھالەتتە ئۆتكۈزۈلگەن «كەڭ كۆلەملىك يۇرتقا قايتىش» نامايىشلىرىنى كۆزىتىۋاتقان ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ فوتو سۈرەت مۇخبىرى ئەلى جاداللاھنى يارىلاندۇرۇشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

ئۇيۇشما تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ فوتو سۈرەت مۇخبىرى ئەلى جاداللاھنىڭ ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشىنىڭ، ئىسرائىلىيەنىڭ ھەر كۈنى يولغا قويۇۋاتقان سىستېمىلىق زوراۋانلىق سىياسىتىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقئارا جەمئىيەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2222 – نومۇرلۇق ژۇرنالىستلار – مۇخبىرلارنى قوغداشقا ئالاقىدار قارارىغا رىئايە قىلىشقا چاقىرىق قىلىندى.

تۈنۈگۈن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قامال ئاستىدىكى غەززە رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن «كەڭ كۆلەملىك يۇرتقا قايتىش» نامايىشلىرىغا مۇداخىلە قىلىشى جەريانىدا، غەززەدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ۋە نامايىشلارنى كۆزىتىۋاتقان  ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ فوتو سۈرەت مۇخبىرى ئەلى جاداللاھنىڭ بېشىغا ئوق تېگىپ، يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر