تۈركىيە پ ك ك تېررورچىلىرىغا قارشى «قىران-2» ناملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى باشلىدى

تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ماردىن، شىرناق ۋە باتماندا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى «قىران-2 بىرلەشمە زەربە بېرىش ھەرىكىتى» ئېلىپ بېرىشنى باشلىدى.

1259859
تۈركىيە پ ك ك تېررورچىلىرىغا قارشى «قىران-2» ناملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ژاندارما باش قوماندانى گېنېرال - پولكوۋنىك ئارىف چەتىن بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باش مۇدىرى مەھمەت ئاقتاش، ماردىننىڭ مىديات ناھىيەسىدە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ماردىن، شىرناق ۋە باتمان تاغلىق رايونىدا باشلىغان «قىران-2 بىرلەشمە زەربە بېرىش ھەرىكىتى» گە قوماندانلىق قىلماقتا.

دىيارباكىر ۋىلايىتىدە تۇرۇشلۇق ژاندارما قوماندانى بىرىگادا گېنېرالى ھالىس زافەر كوچ، ماردىن تاغلىق رايونىدا زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلماقتا.

قىران-2 ناملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى تېررورچىلارنى قولغا چۈشۈرۈش، بىر تەرەپ قىلىش، ئۇلارنىڭ ئۆڭكۈر، پاناھلىنىش ئورنى ۋە ئىسكىلاتلىرىنى تېپىپ چىقىپ يوقىتىپ تاشلاشنى نىشان قىلىدۇ.

بۇ ھەرىكەت دائىرىسىدە 3 ۋىلايەتتە ژاندارما كوماندىرلىرى ۋە ئالاھىدە ھەرىكەت ساقچىلىرى بىلەن ئامانلىق ساقلىغۇچىلاردىن تەشكىل تاپقان 117 ئايرىم زەربە بېرىش ئەترىتى ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر